فىدان سىلوۋېنىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سىلوۋېنىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تانجا فاجون بىلەن كۆرۈشتى.

2230114
فىدان سىلوۋېنىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيە-سىلوۋېنىيە قوشما ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن سىلوۋېنىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە ۋە ياۋروپا ئىشلىرى مىنىستىرى تانجا فاجون بىلەن كۆرۈشتى.

پايتەخت ئەنقەرەدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى، سۈرىيە ۋە غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

مىنىستىر فىدان كۆرۈشۈشتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيەگە ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى، ھەمدە غەززەدە دەرھال ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ۋە رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ داۋاملىق يەتكۈزۈلۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېسپېن بارت ئېيدې بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر