ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 6 تېررورچى يوقىتىلدى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 6 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
2229950

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرى داۋامىدا ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق قوللىنىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:
«ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ‹تىنچلىق بۇلىقى› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بولۇپ، جەمئىي 6 تېررورچى يوقىتىلدى. تېررورىزمنى ئۆز مەنبەسىدە ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»