تۈركىيە كالىفورنىيەدىكى دالا ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى لوس-ئانژېلېس شەھىرىدە يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغائۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

2229311
تۈركىيە كالىفورنىيەدىكى دالا ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لوس-ئانژېلېس شەھىرى ۋە ئەتراپىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن دالا ئوت ئاپىتىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇق. كۆرۈلگەن ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكا خەلقىگە تەزىيەمىزنى بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيمىز» دېدى.

لوس-ئانژېلېس شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان دالا ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 10 غا كۆپەيدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش زىيانغا ئۇچرىدى ياكى پۈتۈنلەي ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر