خاقان فىدان رىيادتا چاقىرىلىدىغان سۈرىيە يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تىنچلىق مۇساپىسى خاقان فىدان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئەتە چاقىرىلىدىغان سۈرىيە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

2229397
خاقان فىدان رىيادتا چاقىرىلىدىغان سۈرىيە يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلىنىشىچە، مىنىستىر فىداننىڭ ئەتە رىيادتا قاتنىشىدىغان يىغىنى 2024-يىلى 14-دېكابردا ئىيوردانىيەنىڭ ئاقابە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوخشاش تېمىدىكى يىغىننىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىكەن.

يىغىنغا تۈركىيە ۋە سۈرىيەدىن باشقا، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، كۇۋەيت، بەھرەين ۋە ئومان قاتارلىق پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى، ئىراق، لىۋان، ئىيوردانىيە، مىسىر، ئەنگلىيە، ۋە گېرمانىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ئامېرىكا ۋە ئىتالىيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتنىشىدىكەن.

يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى سۈرىيەدە مۇقىملىق ئورنىتىش ۋە بىخەتەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى قەدەملەر تەشكىل قىلىدىكەن. مىنىستىر فىداننىڭ يىغىندا، سۈرىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ۋە ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇش ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

يىغىندا سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىرلىكى پىرىنسىپىنى تەكىتلەيدىغان مىنىستىر فىداننىڭ، سۈرىيەدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررور تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ گە قارشى ھەر تۈرلۈك تەدبىر ئېلىنىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىشى، شۇنداقلا، سۈرىيەگە قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ يۇمشىتىشنى تەشەببۇس قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر