سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 20 تېررورچى يوقىتىلدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 20 تېررورچى يوقىتىلدى.
2229155
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا قورال - ياراغ ياردەم ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 20 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:
«قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرىشىمىز تاكى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىدۇ.»