قۇرتۇلمۇش: پ ك ك تازىلانغاندىلا ئاندىن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ  تازىلانغاندىلا ئاندىن تۈركىيەدە بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2229144
قۇرتۇلمۇش: پ ك ك تازىلانغاندىلا ئاندىن بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ

نۇمان قۇرتۇلمۇش 10-يانۋار ژۇرنالىستلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن  تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ژۇرنالىستلىرى جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

قۇرتۇلمۇش بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانىنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى ساقلاپ قېلىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ  تېررورىزمدىن خالى بىر تۈركىيە بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى قۇرتۇلمۇش ئالدى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى تازىلاش، ئۇلارنىڭ قورال - ياراغلىرىنى يوق قىلىش ۋە تۈركىيەدە دېموكراتىك يوللار ئۈستىدە  ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ چېگرا ھالقىلغان  تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ قورال تاشلاش چاقىرىقىغا بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئەمما (بۇ چاقىرىققا) بويسۇنماي، بىز بۇ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىمىز دەيدىغانلار بولسا، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئۇلارغا قارشىمۇ زۆرۈر بولغان ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى  قوللىنىش مەجبۇرىيىتى بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر