خاقان فىدان  غەربكە نارازىلىق بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا غەرب ئەللىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

2229102
خاقان فىدان  غەربكە نارازىلىق بىلدۈردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سۈرىيەدە «تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش» باھانىسى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە ياردەم بېرىۋاتقان غەرب ئەللىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

مىنىستىر فىدان ئىستانبۇلدا تۈركىيە ۋە چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

فىدان بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ياۋروپادىكى بەزى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا قوش ئىشتاتلىرىنىڭ قانىتى ئاستىدا سۈرىيەدە مەلۇم ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۇ يەردىن سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ نە ئۆزلىرىگە، نە رايونغا پايدىسى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئامېرىكا بولمىغان بىر يەردە ئۆزلىرى رايونغا كىرىپ ھەربىي ھەرىكەت قىلالايدىغان ياكى ھەربىي كۈچ تۇرغۇزالايدىغان بولسا كۆرەيلى، ئەمما بۇنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلىمىز.

ئامېرىكانىڭ كۈچىنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇپ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قىلچە ئېتىبارغا ئالمايمىز. بۇ مەسىلىدىكى سۆھبەتدىشىمىز ئامېرىكادۇر. دەرۋەقە بىز ئامېرىكانىڭ كەينىگە كىرىۋالغان دۆلەتلەر بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە پەقەت ئامېرىكا بىلەنلا سۆھبەتلىشىۋاتىمىز.

 شۇنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىزكى، پ ك ك/ي پ گ گە ئوخشىغان بۇنداق بىر تەھدىت بىلەن بىرلىكتە ياشاش ئىمكانىيىتىمىز يوق. شۇڭا بۇ ھەقتە يا باشقىلار قەدەم تاشلايدۇ ياكى بىز قەدەم تاشلايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر