جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: سۈرىيەنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى بىزنىمۇ خۇرسەن قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيەنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ خۇرسەن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2229215
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: سۈرىيەنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى بىزنىمۇ خۇرسەن قىلدى

جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ دەنىزلىدىكى 8-نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلدى.

سۈرىيەدە ئەسەد تۈزۈمىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى، ئۆكتىچىلەرنىڭ دەمەشىقنى فەتىھ قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «ئۆكتىچىلەرنىڭ 13 يىللىق زۇلۇمغا خاتىمە بېرىشىدىن تۈركىيە بولۇش سۈپىتىدە بىزمۇ خۇرسەنلىك ھېس قىلدۇق. سۈرىيەنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى بىزنىمۇ خۇشال قىلدى. بىز 911 كىلومېتىر چېگرامىز بولغان سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ سەلبىي تەسىرىنى ئەڭ كۆپ ھېس قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدۇق. نۇرغۇن ساھەدە ئېغىر بەدەل تۆلىدۇق» دېدى.

چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن (سۈرىيەدە) تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى، دائىشنى باھانە قىلىپ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ گە قورال-ياراغ يوللانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «زالىم ئەسەد سۈرىيەنى زور زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىقىرىش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇۋەتكەنىدى. ئۆلۈم ۋە قىيىن-قىستاق مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلغان تۈرمىلەر، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئاياللارنى مەن بۇ يەردە تىلغا ئالمايلا قوياي... سۈرىيەدە بەدىنىدە تاش ئەمەس، يۈرەك ئېلىپ يۈرگەن ھەر كىمنى خۇشال قىلىدىغان چوڭ بىر خەلق ئىنقىلابى يۈز بەردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر