فىدان ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرى ۋەزىرى جوسې مانۇيېل ئالبارېس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
2229248
خاقان فىداننىڭ ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جوسې مانۇيېل ئالبارېس بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيە خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش خىزمەتلىرى، سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش يولىدا بېسىلىدىغان قەدەملەر، شۇنداقلا غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىندى.
فىدان بىلەن ئالبارېس خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيەدە مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.