تۈركىيە سۈرىيەگە ياردەم قولىنى سوزۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە مېيىپ ۋە موھتاج كىشىلەرگە ياردەم تارقاتتى.

2228598
تۈركىيە سۈرىيەگە ياردەم قولىنى سوزۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا
kizilay suriye yardim.jpg

ياردەم تارقىتىش پائالىيىتىگە تۈركىيەنىڭ دەمەشىق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ئىش باشقۇرغۇچىسى بۇرھان كۆرئوغلۇ قاتناشتى.

بۇرھان كۆرئوغلۇ سۈرىيەدە كونا تۈزۈمنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «سۈرىيەدە بۇ مەزگىلدە ناھايىتى چوڭ ئېھتىياجلار بار. يېڭى بىر دۆلەت قۇرۇلۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن ئورگانلار دېگۈدەك نۆلدىن باشلىنىدۇ. ئاساسىي قۇرۇلما ناھايىتى ناچار ئەھۋالدا. خەلقنىڭ ئېھتىياجلىرى بار. بىزمۇ بۇ ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇش جەھەتتە دۆلەت سۈپىتىدە خىزمەت قىلىمىز» دېدى.

تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى سۈرىيە ھەيئىتى باشلىقى فەرھات سۈرمەلى: «13 يىللىق مەزگىل ئىچىدە بىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بار ئىدۇق، ئەمما بەششار ئەسەد تۈزۈمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن سۈرىيەنىڭ ھەممىلا رايونلىرىغا يېتىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. سۈرىيەدە تۈركىيەنىڭ شەپقەت قولى يەتمىگەن ھېچقانداق رايون قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتىنىڭ ياردەم پائالىيىتىدە مېيىپ ۋە ياردەمگە موھتاج 250 ئائىلىگە يېمەك-ئىچمەك، سۇ ۋە ئەدىيال تارقىتىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر