كۆك ۋەتەن-2025 ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى
كۆك ۋەتەن-2025 ھەربىي مانېۋىرى قارادېڭىز، ئەگە دېڭىزى ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدا باشلاندى.

ئۇدا 10 كۈن داۋاملىشىدىغان مانېۋىرغا 90 پاراخوت ۋە 50 ئايروپىلان قاتنىشىدۇ، جەمئىي 20 مىڭ خادىم ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
مانېۋىر دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەت ئۈنۈمىنى كۆزدىن كەچۈرۈش، ھەربىي ھەرىكەتكە تەييارلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ۋە كۆپ يۆنىشلىك تەھدىتلىك مۇھىتتا قارار چىقىرىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى نىشان قىلىدۇ.
مانېۋىر جەريانىدا ھەر خىل ماھارەتلەر كۆرسىتىلىدۇ، تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە «ت ج گ ئورۇچرەئىس» پاراخوتىمۇ مانېۋىرغا قاتنىشىدۇ.
مانېۋىر دائىرىسىدە قارادېڭىز، ئەگە دېڭىزى، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى 22 پورت زىيارەت قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە-ئافرىقا ھەمكارلىق يىغىنى چاقىرىلىدۇ
تۈركىيە-ئافرىقا ھەمكارلىق يىغىنى لىۋىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا 2026-يىلى چاقىرىلىدۇ.