ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراقتا پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بەردى
تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرۇق رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك ئەزاسى زەينەپ ئاسلان ۋە زەلىھە مەھچۇپ ئىسىملىك ئىككى تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش جەريانىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يەنە بىرىنى ئىلاۋە قىلدى.
ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرۇق رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى داۋامىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك ئەزاسى «مىترا مانى» لەقەملىك زەينەپ ئاسلان بىلەن «ئەكىن دىلدا» لەقەملىك زەلىھا مەھچۇپ ئىسىملىك ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھەرىكەتلىرى جەريانىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قوراللىق ئاياللار بۆلۈمىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان زەينەپ ئاسلان ۋە زەلىھا مەھچۇپ ئىسىملىك ئىككى تېررورچىنىڭ تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش مەقسىتىدە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئاندىن بۇ ئىككى تېررورچىنىڭ تۈركىيەگە ئۆتۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، تەقىب ئاستىغا ئېلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرۇق رايونىدا بىر تەرەپ قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى تېررورچى 2015-يىلى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ يېزا-قىشلاق ئەزالىرى قىسمىغا ئەزا بولغان.