ت ر ت پارسچە دىگىتال خەۋەر سۇپىسى ئېچىۋېتىلدى

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (ت ر ت) چەت ئەل تىللىرىدىكى تارقىتىلىشلىرىغا يەنە يېڭى بىر تىلنى قوشتى؛ دىگىتال خەۋەر سۇپىسى — ت ر ت پارسچىنىڭ تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.

2221663
ت ر ت پارسچە دىگىتال خەۋەر سۇپىسى ئېچىۋېتىلدى
trt farsca.jpg
trt farsca mehmet zahit sobaci.jpg
fahrettin altun trt farsca.jpg

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ت ر ت پارسچەنىڭ تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە ت ر ت سۇپىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى.

ت ر ت پارسچەنىڭ ھەقىقەت كۈرىشىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئالتۇن: «بۈگۈنكى ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، ت ر ت نىڭ دىگىتال سۇپىلىرىنىڭ مىليونلىغان تاماشىبىن بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىنى بىلىمىز» دېدى.

ت ر ت باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى: «ت ر ت پارسچە ئارقىلىق ئىران، ئافغانىستان ۋە تاجىكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان، 130 مىليوندىن ئارتۇق پارس تىلىدا سۆزلىشىدىغان كىشى ياشايدىغان كەڭ بىر جۇغراپىيەگە خىتاب قىلىپ، بۇ رايون بىلەن ئورتاق مەدەنىيەت رىشتىلىرىمىزنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتىمىز؛ بۇ رايون بىلەن ساياھەت، مەدەنىيەت، سودا-تىجارەت ۋە مائارىپ ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزگە تۆھپە قوشۇشنى كۆزلەۋاتىمىز. تۈركلەر ۋە پارس تىلىدا سۆزلىشىدىغان جۇغراپىيەلەردىكى خەلقلەر بىر-بىرىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشى ئۈچۈن ئىشەنچلىك ئاخبارات مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىشى كېرەك» دېدى.

سوباجى ت ر ت نىڭ بىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مېدىيا ئورگىنى سۈپىتىدە تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى رولىغا ماس ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيە ھەر ۋاقىت ھەققانىيەتچىل پوزىتسىيەسى بىلەن مەزلۇملارغا ئۈمىد بېغىشلاۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز دۇنياۋى ۋە رايونلۇق كىرىزىسلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى توسۇش يولىدا ئاكتىپ سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. دىيالوگ ۋە تىنچلىقنىڭ ئادرېسى سۈپىتىدە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ» دېدى.

غەرب مېدىياسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە شۈبھە چۈشكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان سوباجى: «غەرب مېدىياسىغا قارىتا ئىشەنچ كىرىزىسى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئۇلار كۆرمەسكە سالغان مەسىلىلەرنى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ چىقىۋاتىمىز. خەۋەرچىلىك نۇقتىسىدا مىلياردلىغان ئىنسانغا ھەققانىيلىق ۋە ئادالەتنى ئاساس قىلغان بىر تاللاش پۇرسىتى سۇنۇشنىڭ كۈرىشىنى قىلىۋاتىمىز» دېدى.

مۇراسىمدا ت ر ت پارسچەنىڭ خەلقئارالىق دىگىتال خەۋەر سۇپىسىدىكى تۇنجى خەۋىرى تور بېكەتكە يۈكلەندى. مۇراسىمغا بەزى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. «سەدات ئانار ئۈچلۈكى» (ئانسامبىلى) مېھمانلارغا ناخشا-مۇزىكا ئورۇنلاپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر