ئەردوغان: تۈركىيە رايوننىڭ ھالقىلىق دۆلىتى سۈپىتىدە گەۋدىلەنمەكتە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رايوننىڭ ھالقىلىق دۆلىتى سۈپىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2220570
ئەردوغان: تۈركىيە رايوننىڭ ھالقىلىق دۆلىتى سۈپىتىدە گەۋدىلەنمەكتە

جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ ئەرزۇرۇمدا ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلدى.

دۇنيا ۋە رايوننىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، بارلىق ۋەقەلەر، ئۇرۇشلار ۋە كىرىزىسلەرنىڭ تۈركىيەگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس: «شۇنداق تۇرۇقلۇق تۈركىيە بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇقىملىق ئارىلى سۈپىتىدە يۇقىرى باھاغا ئېرىشمەكتە. رايوننىڭ ھالقىلىق دۆلىتى سۈپىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا چىقماقتا» دېدى ۋە ئەتراپتىكى يالقۇننىڭ تۈركىيەگە يېيىلىشىغا ھەرگىز يول قويمىغانلىقلىرىنى، تەڭپۇڭ، ئېھتىياتچان ۋە ئادىل سىياسەتلەر ئارقىلىق بۇ خەتەرلىك جەرياننى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سۈرىيە خەلقى قوزغىغان ئىنقىلاب نەتىجىسىدە 61 يىللىق زۇلۇم، بېسىم، قىرغىنچىلىق ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ ئاخىرلىشىپ، بەئس تۈزۈمىنىڭ پۈتۈنلەي تارىخقا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «ھەلەب، ھاما، ھۇمۇس، دەرئا، لازىقىييە ۋە دەمەشق كوچىلىرىدا ئارىدىن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ چېھرى كۈلمەكتە. 13 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارىماقتا. سۈرىيەلىك مەزلۇملار 13 يىلدىن بۇيان ئۆزلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغان تۈركىيە ۋە تۈرك مىللىتىگە ئەڭ سەمىمىي تۇيغۇلار بىلەن رەھمەت ئېيتماقتا، دۇئا قىلماقتا» دېدى.

ئەردوغان، سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، تۈركىيەنىڭ بارلىق ساھەلەر بويىچە سۈرىيە خەلقىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر