تۈركىيەنىڭ دەمەشىق ئەلچىخانىسى بۈگۈن خىزمەت باشلايدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ دەمەشىق ئەلچىخانىسىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ خىزمەت باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2220438
تۈركىيەنىڭ دەمەشىق ئەلچىخانىسى بۈگۈن خىزمەت باشلايدۇ

مىنىستىر خاقان فىدان بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

تۈركىيەنىڭ ماۋرىتانىيە ئەلچىسى بۇرھان كۆرئوغلۇنىڭ دەمەشىق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق مەسئۇلى قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن فىدان، كۆرئوغلۇ ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىنىڭ دەمەشىققە يېتىپ بارغانلىقىنى، ئەلچىخانىنىڭ خىزمەت باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۈرىيەنىڭ دەمەشىق شەھىرىدىكى دىپلوماتىك ئورگانلار جايلاشقان راۋدا مەيدانى يېنىدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى، ھاكىمىيەت تىنچلىق تەرەپدارى نامايىشچىلارنى كۈچ ئىشلىتىپ باستۇرۇشنى باشلىغان چاغلاردا بىر مەزگىل خىزمەت قىلغان، ئەمما 2012-يىلى 26-مارت كۈنى كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى توختاتقانىدى.

ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئەنقەرەنىڭ بۇ قارارىغا ئاساسەن تۈركىيەگە قايتقانىدى.

سۈرىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر