تۈركىيەدىن بېنغازىغا ئاۋىياتسىيە قاتنىشى باشلايدۇ

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (THY) يانۋار ئېيىدا لىۋىيەنىڭ بېنغازى شەھىرىگە قاتناش باشلايدۇ.

2220451
تۈركىيەدىن بېنغازىغا ئاۋىياتسىيە قاتنىشى باشلايدۇ

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى باش دىرېكتورى بىلال ئەكشى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، شىركەتنىڭ لىۋىيەنىڭ تىرابلۇس شەھىرىگە قاتناشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەمدى لىۋىيەنىڭ بېنغازى شەھىرىگە 2025-يىلى 14-يانۋاردىن باشلاپ ھەپتىدە 3 قېتىم قاتناشنى باشلايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر