مىنىستىر گۈلەر: پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەدىكى مۇقىمسىزلىقتىن پايدىلىنىشىغا يول قويمايمىز

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى مۇقىمسىزلىقتىن پايدىلىنىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2220544
مىنىستىر گۈلەر: پ ك ك / ي پ گ نىڭ سۈرىيەدىكى مۇقىمسىزلىقتىن پايدىلىنىشىغا يول قويمايمىز

مىنىستىر ياشار گۈلەر پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ مىنىستىرلىقنىڭ 2025-يىللىق خامچوت مۇزاكىرىسى جەريانىدىكى سۆزىدە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىمۇ توختالدى.

61 يىللىق ئەسەد تۈزۈمى يىمىرىلگەن سۈرىيەدە تولۇق بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنىڭ بەرپا قىلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان گۈلەر، تېررورلۇق تەشكىلاتى پىلانلاۋاتقان يېڭى قەدەملەرگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ تەل-رىفئات، ئەلبابنىڭ جەنۇبى ۋە مۈنبىجتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ رايونلاردىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر ياشار گۈلەر، پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى مۇقىمسىزلىقتىن پايدىلىنىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ:  «سۈرىيەدىكى سىياسىي ئۆتۈش مۇساپىسىنىڭ؛ بىخەتەر، مەسىلىسىز ۋە مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان شەكىلدە بولۇشى ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىقلىرىمىز ۋە تەشەببۇسلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە خىتاب قىلىپ: «خەلقئارا جەمئىيەت، سۈرىيەدە مۇھىم بىر پۇرسەت دېرىزىسى ئېچىلغان بۇ تارىخىي مۇساپىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىگە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر