فىدان: رۇسىيە بىلەن ئىراندىن سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئارىلاشمالىقى تەلەپ قىلىندى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن سۆزلىشىپ، سۈرىيە ۋەزىيىتىگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشماسلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2220528
فىدان: رۇسىيە بىلەن ئىراندىن سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئارىلاشمالىقى تەلەپ قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىر بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى جەريانىدا تۈركىيەنىڭ ئوينىغان رولى توغرىسىدا توختالدى.

«بۇ ھەرىكەت باشلانغاندا قىلىنىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە، رۇسلار ۋە ئىرانلىقلار بىلەن سۆزلىشىپ ھەربىي جەھەتتىن تەڭلىمىگە كىرمەسلىكى (نى تەلەپ قىلىش) ئىدى» دېگەن فىدان، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا رۇسلار ۋە ئىرانلىقلار بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ ئەھۋالنى چۈشەنگەندىن كېيىن بەششار ئەسەدكە تېلېفون قىلىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

فىدان، سۈرىيەدە پۈتۈنلۈكنى ساقلاشنىڭ «ئالدىنقى ئورۇندا» تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «يېڭى دەۋردىكى نىشانىمىز، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە رايونلۇق كۈچلەرنى سۈرىيە خەلقىگە، دەمەشىقتە قۇرۇلغان يېڭى ھۆكۈمەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە، ئۇلارغا ئىگە چىقىشقا قايىل قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەگە مۇقىملىقنى قايتۇرۇپ كېلىشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر فىدان، بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ دۆلەتنى تەرك ئېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى؛ «ي پ گ نى يوقىتىش، بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانىمىز. يەنى يا ئۇلار ئۆزلىرىنى تارقىتىۋېتىدۇ، يا تارقىتىۋېتىلىدۇ يەنى يوق قىلىنىدۇ» دېگەن فىدان، بىرىنچى باسقۇچتا بىر تەرەپتىن پ ك ك / ي پ گ نى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەدىكى سۈرىيەلىك بولمىغان خەلقئارالىق تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ دۆلەتنى تەرك ئېتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىككىنچى باسقۇچتا ي پ گ نىڭ پۈتۈن قوماندانلىق باسقۇچىدىكىلىرىنىڭ، سۈرىيەلىك بولغانلارنىڭمۇ دۆلەتنى تەرك ئېتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن فىدان، ئاندىن پ ك ك ئەزاسى بولمىغان كىشىلەرنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ قوراللىرىنى تاشلاپ، نورمال ھاياتىغا قايتىپ، سۈرىيە ئىچىدە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر