ئەردوغان ئەلبۇرھان بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2220329
ئەردوغان ئەلبۇرھان بىلەن تېلېفونلاشتى

ئەردوغان بىلەن سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھان تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تۈركىيە – سۇدان مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سومالى بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەنقەرە كېلىشىمى مۇساپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكىنى، بۇ كېلىشىمنىڭ رايوندا تىنچلىق ئورنىتىلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۇدان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشمەسلىكلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈنمۇ ھەرىكەتكە ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، شۇنداقلا سۇداندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىشى، سۇداننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ تاشقى كۈچلەرنىڭ رىقابەتلىشىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن ئاساسلىق پىرىنسىپلار ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، سۈرىيە خەلقىنىڭ 13 يىللىق ئىنسانىي تىراگېدىيەنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن  ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىشلەپ بۇ باسقۇچتا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھەممىنى باغرىغا بېسىشى، ئومۇميۈزلۈك ۋە توغرا قەدەملەرنى تاشلىشى، سۈرىيە خەلقىگە خىزمەت قىلىشى ھەم قوشنىلىرىغا تەھدىت شەكىللەندۈرمەسلىكى ئۈچۈن بۇ قوللاشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر