تۈركىيە دەمەشققە مەسلىھەتچى ئەلچى تەيىنلىدى
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتىكى ئەلچىخانىسىغا ۋاقىتلىق مەسلىھەتچى ئەلچى تەيىنلىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ نوۋاكشوتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇرھان كۆرئوغلۇنىڭ تۈركىيەنىڭ دەمەشق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق مەسلىھەتچى ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان كۆرئوغلۇغا يېڭى ۋەزىپىسى ھەققىدە يوليورۇق بەردى.
سۈرىيەنىڭ دەمەشق شەھىرىدىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلار ناھايىتى كۆپ بولغان رەۋزە مەيدانى ئەتراپىغا جايلاشقان تۈركىيە ئەلچىخانىسى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگۈچىلەرگە قارشى قورال كۈچى بىلەن زوراۋانلىق قىلىشقا باشلىغان مەزگىلدە مەلۇم ۋاقىت خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، 2012-يىلى 26-مارت كۈنى كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى توختاتقانىدى.
ئەلچىخانا خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بۇ قارارغا ئاساسەن تۈركىيەگە قايتقانىدى.
سۈرىيەنىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسى بولسا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغانىدى.