ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ  ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن بەشتەپە سارىيىدا كۆرۈشتى.

2219946
ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى تۈركىيەدە

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە – ۋېنگىرىيە ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن بەشتەپە سارىيىدا كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشكە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار ۋە تاشقى سودا مىنىستىرى پېتېر سىججارتومۇ قاتناشتى.

ئەردوغان بىلەن  ئوربان ھەيئەتلەرمۇ قاتنىشىدىغان زىياپەتتە بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كېيىنچە ۋېنگىرىيە پىرېزىدېنتى تاماش شۇيوك بىلەن كۆرۈشىدۇ.

كەچ تەرەپلەردە بەشتەپە سارىيىدا تۈركىيە - ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 100-يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە – ۋېنگىرىيە ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بەشتەپە سارىيىدىكى مىللىي قۇرۇلتاي ۋە مەدەنىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمغا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن بىرگە ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ئوربانمۇ قاتنىشىدۇ.

مۇراسىمدا تۈركىيە ۋە ۋېنگىرىيە سەنئەتچىلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نومۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر