«سومالى – ئېفىيوپىيە كىرىزىسى ئەردوغان سايىسىدا ھەل بولدى»
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سومالى بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، سومالى بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنىڭ ھەل بولغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن مۇھىم بىر باسقۇچنىڭ تاماملانغانلىقىنى قەيت قىلدى.
خاقان فىدان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سومالى بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش باسقۇچىنى بىۋاسىتە باشقۇرغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدە مۇقىملىق، خاتىرجەملىك ۋە گۈللىنىشكە تۆھپە قوشىدىغان تارىخىي بىر قەدەمگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
فىدان تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەنقەرەنىڭ كىرىزىسنى ھەل قىلىش باسقۇچى داۋامىدا تەرەپلەرنىڭ تەلەپلىرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچ ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم، ئادىل ۋە داۋاملىق ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرىنى تېپىۋاتقان دىپلوماتىيە ئېڭىمىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك نامايەندىسىدۇر.»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈنۈگۈن (2024-يىلى 11-دېكابىر) سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد، ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەد بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەيئەتلەر پايتەخت ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولغانىدى.
ئەردوغان ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، سومالى ۋە ئېپىيوپىيە ھەيئەتلىرى بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتناشقان ھەر خىل شەكىلدىكى سۆھبەتلەر ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرۇلغانىدى.
تەخمىنەن يەتتە سائەت داۋاملاشقان سۆھبەتلەردىن كېيىن، ئۈچ رەھبەر ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ۋە تۈركىيەنىڭ قولايلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئېفىيوپىيە فېدېراتسىيەسى دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن سومالى فېدېراتسىيەسى جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا «ئەنقەرە باياننامەسى» پۈتۈن دۇنياغا جاكارلانغانىدى.