سومالى بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدا «ئەنقەرە باياننامەسى» ئىمزالاندى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە سومالى بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدا «ئەنقەرە باياننامەسى» ئىمزالاندى.
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد ۋە ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەد بىلەن كۆرۈشتى.
ئەردوغان ئالدى بىلەن سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى ھەم سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كېيىنچە ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەد ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، سومالى بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدا «ئەنقەرە باياننامەسى» ئىمزالاندى.
تەرەپلەر بۇ باياننامە ئارقىلىق ئىختىلاپلىق ۋە تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ، ئورتاق گۈللىنىش يولىدا ھەمكارلىق ئاساسىدا قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن مەزكۇر باياننامە ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«سومالى بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ‹ئەنقەرە باياننامەسى› ئافرىقادىكى خەلقلەر ۋە دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەگە چوڭقۇر ئىشىنىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر.»
ئالتۇن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە سومالى بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان بۇ كېلىشىمنىڭ، بولۇپمۇ ئىككى دوست دۆلەتكە، شۇنداقلا پۈتكۈل رايون، قىتئە ۋە دۇنيايىمىزغا تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشمىز.»