مىنىستىر گۈلەر ئەلچىن گۇلىيېۋنى قوبۇل قىلدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئەزەربەيجان چېگرا مۇلازىمەتلىرى قوماندانى گېنېرال ئەلچىن گۇلىيېۋنى قوبۇل قىلدى.
2219912
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، مىنىستىر ياشار گۈلەر بىلەن ئەزەربەيجان چېگرا مۇلازىمەتلىرى قوماندانى گېنېرال ئەلچىن گۇلىيېۋنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ئەزەربەيجان چېگرا مۇلازىمەتلىرى قوماندانى گېنېرال ئەلچىن گۇلىيېۋنى قوبۇل قىلدى. گۈلەر گېنېرال گۇلىيېۋنى ئالدى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىنىڭ ئالدىدا قارشى ئالدى، ئاندىن قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭ قوماندانى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.»