تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى پ ك ك/ي پ گ يۆتكەۋاتقان قوراللارنى بىتچىت قىلدى
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MİT) بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ غا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى.
ئىستىخبارات ئىدارىسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ سۈرىيەگە قاراشلىق كامىشلى شەھىرىدە ئاغدۇرۇلغان ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن قولغا چۈشۈرگەن راكېتا، ئېغىر تىپلىق قورال-ئەسلىھەلەر ساقلانغان ئىككى ئىسكىلات، 12 يۈك ئاپتوموبىلى ۋە ئىككى تانكىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن قالغان راكېتا، ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە ئەسلىھەلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىسكىلاتىغا توشۇشقا باشلىغانلىقىنى بايقىدى.
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ كېچە قاراڭغۇلۇقىدىن پايدىلىنىپ، قورال ۋە ئەسلىھەلەرنى يۈك ئاپتوموبىللىرىغا بېسىپ، كارۋان ھالىتىدە رايوندىن ئايرىلغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
ھەرىكەت جەريانىدا، راكېتا، ئېغىر تىپلىق قورال-ئەسلىھەلەر ساقلانغان ئىككى ئىسكىلات، 12 يۈك ئاپتوموبىلى ۋە ئىككى تانكا يوق قىلىندى.
بىخەتەرلىك مەنبەلىرى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە چېگرىسىدا ئۇۋا قۇرۇشىغا ۋە تۈركىيەگە قارىتا تەھدىت شەكىللەندۈرىشىگە ھەرگىز يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەكشەنبە كۈنى (2024-يىلى 8-دېكابىر) سۈرىيەدىكى 61 يىللىق بائاس پارتىيەسى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغان ۋە بەششار ئەسەد سۈرىيەدىن قېچىپ كەتكەن ئىدى.