تۈركىيە دائېشنىڭ مەغلۇب قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراقنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھەربىي جەھەتتىن مەغلۇب قىلىنىشىنىڭ 7-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە پۈتكۈل ئىراق خەلقىنى تەبرىكلىدى.
2219313
![تۈركىيە دائېشنىڭ مەغلۇب قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراقنى تەبرىكلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/44ef/c41b/8bd4/5bb37e2a204c6.jpg?time=1736719994)
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراقتا ھەربىي جەھەتتە مەغلۇب قىلىنغانلىقىنىڭ خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراقتا ھەربىي جەھەتتە مەغلۇب قىلىنىشىنىڭ 7-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىراق ھۆكۈمىتى ۋە پۈتكۈل ئىراق خەلقىنى تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، بۇ كۈرەش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىراقلىقلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەندى ۋە: «دۆلىتىمىز رايونىمىزدا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق يارىتىش جەھەتتىن ئەھمىيەتلىك قەدەملەرنى تاشلاۋاتقان ئىراققا، دائېش، پ ك ك قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشلىرىدە كېرەكلىك ياردەملەرنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.