خاقان فىدان: سۈرىيەدە تېررورلۇق ئۇۋىسىنىڭ قورۇلۇشىغا قەتئىي يول قويمايمىز»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سۈرىيەدە تېررورلۇق ئۇۋىسىنىڭ قورۇلۇشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2219281
خاقان فىدان: سۈرىيەدە تېررورلۇق ئۇۋىسىنىڭ قورۇلۇشىغا قەتئىي يول قويمايمىز»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق خامچوت مۇزاكىرىسىدە نۇتۇق سۆزلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارالىق قانۇنغا پەرۋا قىلماي، ئىشغالىيەتچىلىك ئىدىيەسى بىلەن سۈرىيەنىڭ زېمىن بۆتۈنلۈكىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ: «غەززەنى تۈپتىن ۋەيران قىلغان ئىسرائىلىيە، ئەمدىلىكتە سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كېلەچىكىگە تەھدىت سالماقتا» دېدى.

خاقان فىدان ئىسرائىلىيەدە ئىشغالىيەتچى ئىدىيەنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر دائىمقىغا ئوخشاش سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ مىللىي بىرلىكى، مۇقىملىقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن بۆتۈنلۈكى ۋە پاراۋانلىقىغا زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خاقان فىدان سۈرىيەدە تېررورلۇق ئۇۋىسى قۇرۇلۇشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «سۈرىيەنىڭ تېررورىزم ئۇۋىسى بولۇشىغا يول قويمايمىز. دائېش ۋە پ ك ك نىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىمىز. تېررورىزمغا قارشى كۆرەشنى كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە دىنامىك ئىستراتېگىيەلەر بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان ھالدا داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر