ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2219163
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن سۈرىيە خەلقىگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋمۇ سۈرىيەدە شەكىللەنگەن يېڭى ۋەزىيەتتىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر