ئەردوغان ناتو باش كاتىپى بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
![ئەردوغان ناتو باش كاتىپى بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6f0b/f4ba/a6c5/675803d36758e.jpg?time=1736849874)
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.
ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە 2011 - يىلى ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان تۇنجى كۈندىن بۇيان سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇقىملىقىنىڭ قوغدىلىشىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە سۈرىيەنىڭ سۈرىيە خەلقى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەردوغان يەنە، تېررورچىلاردىن پۈتۈنلەي تازىلانغان بىر پۈتۈن سۈرىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.