تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى بىتەرەپ رايونغا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى بىتەرەپ رايونغا قاراپ ئىلگىرىلىشى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 1974-يىلى ئىمزالانغان قوراللىق كۈچلەرنى چېكىندۈرۈش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىپ، ئىسرائىلىيە-سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىتەرەپ رايونغا بېسىپ كىرىشى ۋە سۈرىيە زېمىنىدا داۋاملىق ئىلگىرىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.
سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەشنا بولۇۋاتقان تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى ئوتتۇرىغا چىققان بۇ سەزگۈر مەزگىلدە، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچى ئىدېئولوگىيەسىنى قايتا نامايان قىلدى.
سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىمىزنى، بۇ جەھەتتىكى پوزىتسىيەمىزنىڭ قەتئىيلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىز.»