«سۈرىيەدە بىخ ئۇرغان تىنچلىق ئۈمىدىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز»
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 13 يىللىق ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، سۈرىيەدە بىخ ئۇرغان تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىك ئۈمىدلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «10-دېكابىر دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
ئەردوغان باياناتىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلارنىڭ ئېغىر شەكىلدە دەپسەندە قىلىنىشى ۋە ئىنسانىيەت قىممەت قاراشلىرىنىڭ يوققا چىقىرىلىشىغا توسالغۇ بولالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ خىتابنامىنىڭ، جۈملىدىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان جايلارنىڭ بېشىدا غەززە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلارنىڭ پەلەستىندىكى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمنەپەس بولۇۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز. غەززە ۋە باشقا پەلەستىن زېمىنلىرىدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ بار ئىدى.
ئەردوغان ئۇدا 60 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان بەئىس پارتىيەسى دىكتاتورلۇقى ۋە 13 يىللىق ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن سۈرىيەدە بىخ ئۇرغان تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىك ئۈمىدلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىغا ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىمىز.»
ئەردوغان كىشىلىك ھەق - ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان مەدەنىيەت ئىرقچىلىقى، ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە كەڭ قورساق بولماسلىققا قارشى كۈرەشلىرىنىڭمۇ قەتئىي ئىرادە بىلەن كەسكىن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش، بۇ ھەق - ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىۋاتقان تۈزۈملەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش بارلىق دۆلەتلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئالەمشۇمۇل مەجبۇرىيەتتۇر.»