ئىسپارتادا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

ئىسپارتادا ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 6 ئەسكەر شېھىت بولدى.

2218585
ئىسپارتادا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

ئىسپارتا ۋىلايىتىنىڭ كەچىبورلۇ ناھىيەسى مەركىزىدە بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ كەتكەن ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن بىرى چۈشۈپ كەتتى، يەنە بىرى بىخەتەر قوندۇرۇلدى.

ۋەقەدە 5 ھەربىي خادىم شېھىت بولدى، بىر ھەربىي خادىم يارىلاندى.

ئېغىر يارىلانغان ھالەتتە دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەربىي خادىم داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە شېھىت بولغانلارنىڭ سانى 6 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر