«پۈتكۈل خەلق ئىناق ياشايدىغان بىر سۈرىيە دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز»

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان  ئوخشىمىغان ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلار تىنچلىق ئىچىدە ئىناق ياشىيالايدىغان بىر سۈرىيە دۆلىتى بەرپا قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2218616
«پۈتكۈل خەلق ئىناق ياشايدىغان بىر سۈرىيە دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پايتەخت ئەنقەرەدە باشلانغان  باش ئەلچىلەر يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا ئوخشىمىغان ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ھەممىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھاكىمىيەت ئېڭى ۋە پۈتكۈل خەلق تىنچلىق ئىچىدە ئىناق ياشىيالايدىغان بىر سۈرىيە دۆلىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەر يىلى ئۆتكۈزىدىغان باش ئەلچىلەر يىغىنىنىڭ 15-قېتىملىقى پايتەخت ئەنقەرەدە باشلاندى.

يىغىن «تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى ۋە دۇنياۋى تەسىرلىرى» تېمىسىدا پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلمەكتە.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن يىغىنغا، تۈركىيەنىڭ 146 ئەلچىخانىسى ۋە 13 دائىمىي ۋاكالەتخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باش ئەلچىلەر بىلەن بىرگە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەركىزىي ئىش بېجىرىش ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كۆپ ساندا باش ئەلچىلەر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار قاتناشماقتا.

13-دېكابىرغىچە داۋاملىشىدىغان يىغىن دائىرىسىدە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىغان يىغىن بۆلۈملىرىدە، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك رايونلۇق ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك كېڭەش ئېلىپ بېرىلماقتا.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان يىغىندا ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

فىدان سۆزىدە، تۈنۈگۈن (2024-يىلى 8-دېكابىر) سۈرىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۈمىد چىرىغى ياندۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق ئورگانلاردىن سۈرىيە خەلقىگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى شەكىللەندۈرۈلۈشىنى قوللىشىنى كۈتۈۋاتىمىز.

سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ پەقەت دۆلەت ئىچى كېلىشىمى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى دەسلەپتىن تارتىپلا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. ئەمما شۇنچە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە پۇرسەت بەرگەن بولۇشىمىزغا قارىماي، سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئۆز خەلقى بىلەن يارىشىش يولىغا ماڭمىدى.

 بولۇپمۇ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يېقىنلىشىۋاتقان باسقۇچنى كۆزدە تۇتۇپ قىلغان چاقىرىقلىرىغا ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرماسلىقى، بىزنىڭ نەقەدەر توغرا دېگەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايدىغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى.

نۆۋەتتە سۈرىيەدە يېڭى بىر دەۋر باشلاندى. شۇڭا، ئەمدى يىراققا نەزەر تاشلاش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا ئوخشىمىغان ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ھەممىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھاكىمىيەت ئېڭى ۋە پۈتكۈل خەلق تىنچلىق ئىچىدە ئىناق ياشىيالايدىغان سۈرىيە دۆلىتىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. قوشنىلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە بولىدىغان، رايونىغا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدىغان يېڭى سۈرىيەنى كۆرۈشنى خالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك ياردەملەرنى بېرىشكە تەييارمىز.»

سۈرىيەدە 27-نويابىر كۈنى بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار كەسكىنلەشكەنىدى.

7-دېكابىر (2024) كۈنى پايتەخت دەمەشىققە كىرىشكە باشلىغان گۇرۇپپىلارنى خەلق ئاممىسىمۇ قوللاپ، قىزغىن قارشى ئالغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بۇ يەردە ۋە باشقا نۇرغۇن رايونلاردا كونتروللۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ يىمىرىلگەنىدى.

تۈنۈگۈن بائاس پارتىيەسىنىڭ دۆلەتتىكى 61 يىللىق ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشقان بولۇپ، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ رەھبىرى بەششار ئەسەد پايتەخت دەمەشىقتىن قېچىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر