نۇمان قۇرتۇلمۇش ۋە جەۋدەت يىلماز سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە سۈرىيەلىكلەر توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش بىلەن مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز سۈرىيە ۋە تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەر توغرىسىدا توختالدى.

2218583
نۇمان قۇرتۇلمۇش ۋە جەۋدەت يىلماز سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە سۈرىيەلىكلەر توغرىسىدا توختالدى
cevdet yilmaz.jpg
numan kurtulmus.jpg

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش سۈرىيەدە تارىخىي بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا گۇۋاھچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 2025-يىللىق خامچوت مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى.

«ئەركىن ۋە دېموكراتىك بىر سۈرىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۈستىمىزگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا تىرىشىمىز» دېگەن قۇرتۇلمۇش، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تۈركىيە ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق مۇھىم ئىشلاردىن بىرى دۆلىتىمىزدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مېھمان قىلىپ كەلگەن مۇھاجىرلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە بىخەتەرلىكى قوغدالغان ھالدا (دۆلەتلىرىگە) قايتىش جەريانىنى تېزلىتىشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مەجلىس ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 2025-يىللىق خامچوت يىغىنىدا سۆز قىلغان مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەققىدە توختالدى؛ سۈرىيەدىن تۈركىيەگە قىلىنىش ئېھتىمالى بولغان بولغان تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە قارشى ھەر تۈرلۈك تەدبىرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن يىلماز: «سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز بىخەتەر، ئىززەت-ھۆرمىتى قوغدالغان ۋە ئىختىيارى ھالدا دۆلىتىگە قايتىدۇ» دېدى.

سۈرىيەدە 27-نويابىر كۈنى ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار كۈچىيىشكە يۈزلەنگەن؛ خەلقنىڭ7-ئۆكتەبىردە پايتەخت دەمەشىققە كىرىشكە باشلىغان قوراللىق ئۆكتىچىلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئەسەد تۈزۈمى دەمەشق ۋە باشقا نۇرغۇن جايلاردا كونتروللۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ غۇلىغانىدى.

تۈنۈگۈن بەئس پارتىيەسىنىڭ دۆلەتتىكى 61 يىللىق ھاكىمىيىتى ئاخىرلاشقان، سابىق تۈزۈمنىڭ رەھبىرى بەششار ئەسەد پايتەختتىن قېچىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر