خاقان فىدان سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قۇيرۇقچىلىرى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان: «پ ك ك نىڭ قۇيرۇقچىسى بولغان ھېچقانداق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيەدە ھېچبىر شەكىلدە قانۇنلۇق تەرەپ سۈپىتىدە قارالمايدۇ. سۈرىيەدىكى سۆھبەتلىرىمىزدە سۆھبەتلىشىدىغان تەرەپ بولالمايدۇ» دېدى.

2218440
خاقان فىدان سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قۇيرۇقچىلىرى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن «2024  دوھا مۇنبىرى يىغىنى» دا، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ تۈنۈگۈن (8-دېكابىر) ئەتىگەندە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىشى بىلەن سۈرىيەنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «سۈرىيە خەلقى دۆلىتىنىڭ كېلەچىكىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرىدۇ» دېدى.

ئۇ: «تۈركىيە سۈرىيەنىڭ مىللىي بىرلىكىگە، مۇقىملىقىغا، مۇستەقىللىقىغا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئىنتايىن زور ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەمدە سۈرىيە خەلقىنىڭ پاراۋانلىقىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ نۇقتىدا دۆلىتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە ماجبۇر بولغان مىليونلىغان سۈرىيەلىكلەر ئەمدى دۆلەتلىرىگە قايتالايدۇ» دېدى.

خاقان فىدان يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ تەرتىپلىك شەكىلدە قۇرۇلۇشى، ئۆزگىچىلىك پىرىنسىپىدىن قەتئىي ۋاز كېچىلمەسلىكى، ئەمدى ئىتتىپاقلىق ۋە دۆلەتنى قايتىدىن قۇرۇشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خاقان فىدان سۈرىيەدىكى بارلىق تەرەپلەرنىڭ بۇ جەريانغا ئىشتىراك قىلىشى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى ئالاقىلىرى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئىنتايىن قانۇنلۇق كۈرت (كورد) تەرەپلىرى بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاخىرىدا: «ئەمما، ھېچقانداق پ ك ك قۇيرۇقچىسى سۈرىيەدە ھېچبىر شەكىلدە قانۇنلۇق تەرەپ سۈپىتىدە قارالمايدۇ. سۈرىيەدىكى سۆھبەتلىرىمىزدە سۆھبەتلىشىدىغان تەرەپ بولالمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر