جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياشلار بىلەن ئۇچراشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غازىئانتەپتە ياشلار بىلەن ئۇچراشتى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھەپتە ئاخىرىدا زىيارەت قىلغان غازىئانتەپتە ياشلار بىلەن ئۇچراشتى.
ئەردوغان ئۇچرىشىشتا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ: «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ھەققىدىكى قولغا ئېلىش قارارىغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
«خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ناھايىتى توغرا بىر قارار چىقاردى. ئەمما بۇنىڭدىن بۇرۇن چىقىرىلغان قارارلارغىمۇ نېتانياھۇ ھېچقاچان بويسۇنمىغان، بۇنىڭغىمۇ بويسۇنمايدۇ. بويسۇنسىمۇ، بويسۇنمىسىمۇ بۇ قارار ئىسرائىلىيەگە قارشى دۆلەتلەرنىڭ شەرەپ كۈرىشىنىڭ غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر.»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۇنيانىڭ ناھايىتى ئۆزگىچە بىر باسقۇچنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ھازىر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ترامپ ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقتى. ترامپ بىلەن ئامېرىكادىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ئۆزگىرىشلەر بىلەن تەڭ دۇنيامۇ تامامەن پەرقلىق بىر يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالدىمىزدىكى 2-3 ئاي ناھايىتى مۇھىم.»
ئۇ يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچى باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا بويسۇنۇشىنى كۈتمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ قارارنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى دۆلەتلەرنىڭ شەرەپ كۈرىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.