دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى باش كاتىپى سۈرىيەدىكى غەلىبە ئۈچۈن ئەردوغاننى مەدھىيەلدى
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى باش كاتىپى ئەلى مۇھەممەد ئەس-سەللابى سۈرىيەدە 61 يىللىق بائاس ھاكىمىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تەييىپ ئەردوغانغا مەدھىيە ئوقۇدى.
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى باش كاتىپى سەللابى ئۆزىنىڭ «دەمەشىق ۋە سۈرىيە ئازادلىققا چىقتى» ئەسكەرتىش بەلگىلىرى بىلەن ئىجتىمائىي تور ئادرېسىدا ھەمبەھرلىگەن يازمىسىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۈچۈن دۇئا قىلدى ۋە ئۇنى مەدھىيەلىدى.
سەللابى يازمىسىدا: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تەييىپ ئەردوغان ئالللاھنىڭ تۈرك خەلقىگە ۋە ھېچقانداق قوغدىغۇچىسى بولمىغان خەلقلەرگە بىر ئىلتىپاتىدۇر. ئى ئالللاھىم! ئىسلاھ قىلغۇچىلار ئارىسىدا ئۇنىڭ نامىنى يۇقىرى قىلغىن» دەپ ئەردوغانغا دۇئا قىلدى.
سەللابى: «ئازادلىق قۇياشى سۈرىيەدە پارلاۋاتىدۇ، ئاللاھتىن ئۇلارغا خاتىرجەملىك، مۇقىملىق، ئادالەت ۋە تىنچلىق تىلەيمىز» دېدى ھەمدە سۈرىيە خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە تەرتىپ ئىچىدە سۈرىيەنى ئازاد قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سەللابى يازمىسىدا يەنە: «جىنايەتچى (بەشار ئەسەد) قېچىپ كەتتى ۋە ھاكىمىيىتى يىقىلدى. ئەركىن سۈرىيەلىكلەر دەمەشىققە كىرىپ، غەلىبىسىنى جاكارلاۋاتىدۇ» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خاقان فىدان بۈگۈن باغدادتا زىيارەتتە بولىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۈگۈن ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادقا بارىدۇ.