باش ئەلچىلەر يىغىنى بۈگۈن باشلىنىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەر يىلى ئۆتكۈزىدىغان باش ئەلچىلەر يىغىنىنىڭ 15-قېتىملىقى بۈگۈن (2024-يىلى 9-دېكابىر) باشلىنىدۇ.
2218470
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئەلچىلەر يىغىنى «تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى ۋە دۇنياۋى تەسىرلىرى» تېمىسىدا پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
يىغىن دائىرىسىدە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىغان بۆلۈملەردە، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك رايونلۇق ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك كېڭەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەيدىغان يىغىنغا، تۈركىيەنىڭ 146 ئەلچىخانىسى ۋە 13 دائىمىي ۋاكالەتخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باش ئەلچىلەر بىلەن بىرگە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەركىزىي ئىش بېجىرىش ئورنىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كۆپ ساندا باش ئەلچىلەر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار قاتنىشىدۇ.
يىغىن 13-دېكابىرغىچە داۋاملىشىدۇ.