ئەردوغان: «سۈرىيەنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە سازاۋەر بولۇشىنى ئارزۇ قىلدۇق»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قوشنا دۆلەت سۈرىيەنىڭ 13 يىلدىن بېرى سېغىنغان خاتىرجەملىككە ۋە تىنچلىققا سازاۋەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

2218137
ئەردوغان: «سۈرىيەنىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە سازاۋەر بولۇشىنى ئارزۇ قىلدۇق»

 

جۇمھۇر رەئىس شۇنداقلا ئەدالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان، غازىئانتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاق پارتىيە 8- نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان ئىنسانىيلىق ۋە قېرىنداشلىق جەھەتتىن سىناق بولغان سۈرىيە كىرىزىسىدە نامايان قىلغان ۋىجدانلىق مەۋقەسى ئۈچۈن غازىئانتەپ خەلقىنى تەبرىكلىدى ۋە: «13 يىل بويىچە مەزلۇملارغا ئىگە چىقتىڭلار. قېرىنداشلىق ھەق - ھوقۇقىغا رىئايە قىلدىڭلار» دېدى.

ئەردوغان سۈرىيەدىكى ئەھۋالار ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «ئىدلىبتە بارغانسىرى كۈچەيتىلگەن ھالدا پۇقرالارغا قىلىنغان ھۇجۇملار سەبىر قاچىسىنى تولدۇرغان ئاخىرىقى تامچىغا ئوخشاش، بۇ يېڭى ۋەقەلەرنى قوزغىغانلىقى ئېنىق. تۈركىيەنىڭ 910 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا چېگرىسى بولغان بىر دۆلەتتىكى ئەھۋاللارغا كۆزىنى يۇمۇپ تۇرىۋىلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ھېچبىر دۆلەتنىڭ زېمىنىدا كۆزى يوقلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۈمىدىمىز، قوشنىمىز سۈرىيەنىڭ 13 يىلدىن بېرى سېغىنغان تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىككە تېزدىن سازاۋەر بولۇشىدۇر» دېدى.

ئەردوغان سۈرىيەنىڭ نۇرغۇن تراگېدىيەلەرگە، قىرغىنچىلىقلارغا ۋە ئىنسانىيەتكە زىت ئىشلارغا شاھىت بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، سۈرىيە زېمىنىىنىڭ بىخەتەر بولۇشىنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىللىي بىخەتەرلىكىمىزگە ۋە مەنپەئەتىمىزگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھېچقانداق قەدەمگە يول قويمايدىغانلىقىمىز بىلىنىشى كېرەك. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولغان بارلىق ئاكتىيورلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا ياردەم قىلىشى كېرەك، بۇ پۈتۈن رايونىمىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر