مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى تېررورچىلارنىڭ يەنە بىر كاتتىبېشىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

2218094
مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى تېررورچىلارنىڭ يەنە بىر كاتتىبېشىنى ئۇجۇقتۇردى

پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاياللار قانىنى <پجاك>نىڭ ئاتالمىش مەسئۇللىرىدىن «جيەن ھەردەم» كود ئىسىملىك مۈرۋەت گۈلسەۋەر ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدە بىر تەرەپ قىلىندى.

1992-يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تاغدىكى ئەزالىرى سېپىگە قېتىلغان ۋە تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولغان گۈلسەۋەر مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ زەربە ئوبيېكتلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

گۈلسەۋەر تۈركىيەگە تەسلىم بولۇش ئۈچۈن پ ك ك سەپلىرىدىن قېچىش جەريانىدا تۇتۇلۇپ قالغان تېررورچىلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر