گىرۇزىيەدىكى نامايىشلار داۋام قىلماقتا

گىرۇزىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش سۆھبىتىنى توختىتىش قارارىغا قارشى نامايىشلار داۋام قىلماقتا

2218090
گىرۇزىيەدىكى نامايىشلار داۋام قىلماقتا

گىرۇزىيەنىڭ پايتەختى تىفىلىستا باش مىنىستىر ئىراكلى كوباخىدزېنىڭ دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش سۆھبىتىنى 2028-يىلغىچە توختىتىپ قويۇش قارارىغا قارشى داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا ساقچى بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.

نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسى ئالدىدا توپلىنىپ نارازىلىقىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ساقچىلار نامايىشچىلارغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ ۋە گاز ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلماقتا.

پىرېزىدېنت سالومې زۇرابىشۋىلى، تىنچ ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا قىلىنغان مۇداخىلىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دەپ ئاتىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى گىرۇزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى ئەيىبلەپ، ئۆكتىچىلەر ۋە نامايىشچىلارنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ ۋەقەلەر گىرۇزىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خەلقئارالىق بېسىملارنى كۈچەيتىۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر