فىدان بلىنكېن بىلەن سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى.

2218003
فىدان بلىنكېن بىلەن سۈرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىر تېلېفونلىشىپ، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان. مىنىستىر فىدان سۆھبەت جەريانىدا، بۇرۇنقى خاتالىقلارنىڭ تەكرارلانماسلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ رېئاللىققا يۈزلىنىپ، ئۆكتىچىلەر بىلەن دىيالوگ ئورنىتىپ سىياسىي مۇساپىنى باشلىشى، رايوندىكى بارلىق تەرەپلەرنىڭ بۇ يۆنىلىشتە رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

فىدان بىلىنكېنغا سۈرىيەدىكى قالايمىقانچىلىقتىن پ ك ك ۋە دائىش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ پايدىلىنىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مىنىستىر فىدان يەنە سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىلكىدىكى خىمىيەلىك قوراللارنىڭ رايون ئۈچۈن خەۋپكە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالغان فىدان، بۇ جەھەتتە تۈركىيەنىڭ زۆرۈر ياردەملەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر