ئەردوغان: ئۆكتىچىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانى دەمەشىق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ نىشانىنىڭ پايتەخت دەمەشىقنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2217897
ئەردوغان: ئۆكتىچىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانى دەمەشىق

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا جۈمە نامىزىدىن كېيىن 27-نويابىر سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ غەربىي يېزىلىرىدا ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا باشلانغان توقۇنۇش ھەققىدە توختالدى.

«ھازىرغا قەدەر، ئىدلىب، ھاما ۋە ھومۇس (ئېلىندى)، ئەلۋەتتە، نىشان دەمەشىق. ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىلگىرىلىشى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا. بىز سۈرىيەدىكى بۇ يۈرۈشنىڭ ھېچقانداق ھادىسە يۈز بەرمەستىن داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۆزىنىڭ سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدكە چاقىرىق قىلىپ، «كەلگىن كۆرۈشەيلى، سۈرىيەنىڭ كەلگۈسىنى بىرلىكتە بەلگىلەيلى» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «ئەپسۇسكى، بىز بەششار ئەسەدتىن بۇ ھەقتە ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق. ھازىرغا قەدەر، ئىدلىبتىن كېيىن،  ھۇمۇسمۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدا، ھازىر ئۇلار دەمەشىققە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. رايوندا داۋاملىشىۋاتقان بۇ مۈشكۈل يۈرۈشلەر بىز ئارزۇ قىلغان شەكىلدە ئەمەس، قەلبىمىز بۇنداق بولۇشىنى خالىمايدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھۇجۇمىنى تىلغا ئېلىپ، ئىنتايىن ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان رايوننىڭ ھەممە يېرىنىڭ خارابىلىككە ئايلانغانلىقىنى ۋە ياردەم تەلەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان دۇنيا سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرسىمۇ، تۈركىيەنىڭ داۋاملىق ياردەم قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان قانداق قىلىپ رايوندىكى ئۇرۇشنى ئۈزۈل-كېسىل توختاتقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تىرىشچانلىقىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ بىر يولىنى تېپىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ۋەھشىيلىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ ھېسابنى بىزمۇ سورايمىز، سورىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر