ئەردوغان ب د ت باش كاتىپى بىلەن سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى.

2217611
ئەردوغان ب د ت باش كاتىپى بىلەن سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن تېلېفون سۆھبەتلەشتى. ئۇ سۆھبەتتە، سۈرىيە توقۇنۇشىنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى، سۈرىيەنىڭ تېخىمۇ ئېغىر مۇقىمسىزلىقنى باشتىن كەچۈرمەسلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ھازىرقى باسقۇچتا تېز سۈرئەتتە ھەممىنى قۇچاقلايدىغان سىياسىي ھەل قىلىش چارەسى ئۈچۈن ئۆز خەلقى مۇرەسسە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش، پۇقرالارنى قوغداش ۋە سىياسىي باسقۇچ يولىنى ئېچىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئانتونىيو گۇتېررېس سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى يازما باياناتىدا:

«بىز سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئاساسەن مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مەغلۇب بولۇشىنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلىرىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئوت كۆيۈۋاتقان يەر بولغان رايوندا ئون نەچچە مىڭ پۇقرا خەتەر ئاستىدا. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە پۇقرالارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. قان تۆكۈلۈش چوقۇم توختىتىشى كېرەك. مەن تەسىر كۈچى بار ھەر قايسى تەرەپلەرنى سۈرىيە خەلقىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان چېكىۋاتقان ئازابلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىمەن» دېدى.

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن قوراللىق ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار 27-نويابىردىن باشلاپ توقۇنۇشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر