فىدان ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەت ئەبۇ گايت بىلەن سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

2217680
فىدان ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خاقان فىدان ئەرەب ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەت گايت بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان.

خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ كۆزەتكۈچى ئەزا بولۇش سۈپىتىدە ئەرەب ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر