دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە مەسىلىسى بىلەن توپلاندى

دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈركىيەنىڭ ھەر قاچان سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن بىرلىكىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق تۆھپىلەرنى قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2217587
دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيە مەسىلىسى بىلەن توپلاندى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ئاخىرىدا خىتابنامە ئېلان قىلىندى.

سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرنىڭ (سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار)، خەلقنىڭ جان ۋە مال بىخەتەرلىكىگە زىيان سالماسلىقى ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان خىتابنامەدە مۇنداق دېيىلدى:

«(يىغىندا)، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز خەلقى ۋە قانۇنلۇق ئۆكتىچىلەر بىلەن مۇرەسسە قىلىشى كېرەكلىكى يەنە بىر قېتىم كۆرۈلگەنلىكى، دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قاچان سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن بىرلىكىنى قوغداشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭغا ھەسسە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكى، مۇقىمسىزلىق مۇھىتىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قەتئىي پۇرسەت بېرىلمەيدىغانلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە ۋە خەلقىمىزگە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك تەھدىتلەرنىڭ يوقىتىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى»دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر