ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى مالتادا ئۆتكۈزۈلىدۇ

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى مالتانىڭ ۋالېتتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2216967
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى مالتادا ئۆتكۈزۈلىدۇ

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 31-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى 2024-يىلى 5-6-دېكابىر كۈنلىرى مالتانىڭ ۋالېتتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىشتىراك قىلىدۇ.

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم قارار چىقىرىش ۋە ئىجرا قىلىش ئورگىنى بولغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ھەر يىل ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 40 قا يېقىن دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىرى قاتنىشىدۇ.

ياۋروپا-ئاتلانتىك ۋە ياۋروئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ۋە كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان يىغىنىدا، مىنىستىر خاقان فىدان ياۋروپالىق مەنسەپداشلىرىغا خىتاب قىلىدۇ.

ئۇ سۆزىدە تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيە ۋە دىيالوگنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

يىغىندا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ؛ فىدان ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۈچۈنمۇ مۇھىملىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

بۇ يىلقى يىغىندا يەنە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپلىقى قاتارلىق ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى تۆت يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنغا مەسئۇل تەيىنلەش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر