تۈركىيە جەنۇبىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
تۈركىيە، جەنۇبىي كورېيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جەنۇبىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرىغا ئېھتىياتچان بولۇش ۋە ئادەم توپلاشقان يەرلەردىن ئۇزاق تۇرۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ Xئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا، تۈركىيەنىڭ سېئۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئېلانى ھەمبەھىرلەندى.
جەنۇبىي كورېيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ كۆزىتىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئېلاندا، پۇقرالارغا كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئېھتىياتچان بولۇش ۋە ئادەم توپلاشقان يەرلەردىن يىراق تۇرۇش تەۋسىيە قىلىندى.
ھەمبەھىرلەنگەن ئېلاندا: «ھەرقانداق بىر مەسىلىگە ئۇچرىغان ياكى ياردەمگە ئېھتىياجى بولغان پۇقرالىرىمىز 01037801266 نومۇرلۇق نۆۋەتچى تېلېفون ئارقىلىق باش ئەلچىخانىمىزغا مۇراجىئەت قىلسا بولىدۇ» دېيىلدى.
جەنۇبىي كورېيەدە كابىنېت ئەزالىرى، دۆلەت رەئىسى يۇن سۇك يول تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەتنىڭ بىكار قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك پارلامېنتقا سۇنۇلغان تەكلىپنىڭ بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنىشىدىن كېيىن، جىددىي ھالەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەستىقلانغان ئىدى.