ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى يەنە ياۋروپادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئايرودۇرۇم بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1318 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئايرودۇرۇمى بولدى.
2215455
ياۋروپا ھاۋا قاتنىشى خەۋپسىزلىكى تەشكىلاتىنىڭ 18-24-نويابىر ئارىلىقىدىكى «ياۋروپا ئاۋىياتسىيە دوكلاتى» ئېلان قىلىندى.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى بۇ مەزگىلدە كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1318 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئايرودۇرۇمى بولغان.
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدىن قالسا، لوندون خېسروۋ ئايرودۇرۇمى كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1243 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن بىرىنچى، ئامستېردام شىپخول ئايرودۇرۇمى كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1240 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ئۈچىنچى، فرانكفۇرت ئايرودۇرۇمى كۈنىگە ئوتتۇرىچە 1151 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن تۆتىنچى بولغان.
سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمى بولسا كۈنىگە ئوتتۇرىچە 648 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن 10-رەتكە تىزىلغان.