فىدان: قوراللىنىش ئۇرۇشى خەۋپىنى ئېلىپ كېلىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا قوراللىنىشنىڭ دۇنيانى يادرو ئۇرۇشى خەۋپىگە ئىتتىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2215502
فىدان: قوراللىنىش ئۇرۇشى خەۋپىنى ئېلىپ كېلىدۇ

خاقان فىدان ت ر ت نىڭ 8 – نۆۋەتلىك «2024 – يىللىق  ‹TRT World مۇنبىرى› نىڭ، «ئۇرۇش ۋە دۇنيا تەرتىپى: ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا جۇغراپىيە خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەش» تېمىسىدىكى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشدا سۆز قىلدى.

مىنىستىر فىدان خەلقئارا سىستېمىنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە مۇھىت جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، دەرۋەقە، بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ھالقىلىق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان بىر باسقۇچتا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان بىر قۇتۇپلىشىشنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، ھەمدە خەلقئارا بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فىدان ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا قوراللىنىشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ئەھۋال پۈتكۈل دۇنيانى ۋەيرانچىلىق گىردابىغا ئىتتىرىشى، ھەتتا يادرو ئۇرۇشى خەۋپىگە دۇچار قىلىشى مۇمكىن.»

ئۇ يەنە، تېخنولوگىيە سىياسەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق تەڭپۇڭلۇققا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، سۈنئىي ئەقىل ۋە تور بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىنىڭمۇ تەھدىت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر